2005.03.31

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆپ تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىس جۇگىلەدنىي پەيشەنبە كۈنى يەلۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇگىلەدنىينىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى » تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلىشى، ئەمەلىيەتتە » تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش» تىن پايدىلىنىش ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى كۆپ ھاللاردا زوراۋانلىقنى مەقسەت قىلمايدىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرىشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش يولىدىكى خەلقئارالىق ھەرىكەتلىرى بارغانسىرى ياخشى تەشكىللەنگەن. بولۇپمۇ ئىنتېرنېتتىكى پائالىيەتلەر كۈچەيگەن.

جۇگىلەدنىي ماقالىسىنى يەكۈنلەپ، «خىتاينىڭ ›شىنجاڭ مەسىلىسى‹ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتنىڭ بىرلىكى ساقلاش ۋە باشقا تەرەققىيات سىياسەتلىرىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ خىل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، يالغۇز رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلگىلى بولمايدۇ» دېگەن. (ئارزۇ)