2005.03.31
باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ھۆكۈمەتكە قارىمايدىغان ئورگان ھېسابلانغان «ئەركىنلىك ئۆيى» پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە دۇنيادىكى ئالتە ئەڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
«ئەركىنلىك ئۆيى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئالتە دۆلەت، خىتاي، كۇبا، ئېرىتېرىيە، سۇدان ۋە زىمبابۇۋىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
«ئەركىنلىك ئۆيى»، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلىمەستىن، بەلكى ئۇلارنى قوغداۋاتىدۇ. بۇ خىل مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنى باھالايدىغان ئورۇنغا ئولتۇرغۇزىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمما، «ئەركىنلىك ئۆيى» ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەنناننىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشى دۆلەتلەردىن ب د ت نىڭ يېڭى بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنى تەشكىللەپ، نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەققىدىكى تەكلىبىنى قارشى ئالدى. (ئارزۇ)