2005.03.30
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن كۈچلۈك بېسىمى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا ۋەتەن سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددى تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى، غەرب مەتبۇئاتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى غەرب خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا كۆرسەتكەن بېسىمىنىڭ بىر نەتىجىسى دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتىدا رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى بىر كېلىشىمگە ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى .
رويتىرىس ئاگېنتلىقى
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن 15 مىنۇت كىيىن، بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسى رابىيە قادىرنى ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايسنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا قويۇپ بەردى . ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت مۇھىم مەسىلەرنىڭ بىرى ئىدى.»
فرانسىيە ئاگېنتلىقى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ، 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسى رابىيە قادىرنى قويۇپ بەردى. ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن بىر قانچە سائەت كىيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا خىتاينىڭ ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئامېرىكىدىكى دۈيخۋا فوندى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى جان كامنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە كۈن كىيىن خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىدىن بۇرۇن رابىيە قادىر مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىشقا تىرىشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى توغرىسىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە بىر سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلغان.»
ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى
ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ ، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن خەۋىرىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا قويۇپ بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن .
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى تۈرمىگە تاشلاشتىن بۇرۇن ، ب ب س نىڭ رابىيە قادىرنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى ئۈچۈن بىر ئۆلگە قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: » ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئامېرىكا- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلىرىدىن بىرى دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى «.
ۋاشىنگتون پوشتىسى گېزىتى
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوشتىسى گېزىتىنىڭ 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى رابىيە قادىرنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ئىلان قىلغان ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: » خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى قويۇپ بەردى. ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن بىر قانچە سائەت كىيىن، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، خىتاينى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى «.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: » دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى . لېكىن ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، خىتاينى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنماسلىق توغرىسىدىكى قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپىنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى نىيىتىنىڭ بىر ئالامىتى سۈپىتىدە سىياسىي مەھبۇسلارنى تۈرمىدىن چىقىرىپ چەتئەللەرگە چىقىرىۋېتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىمۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا تۈرمىدىن قويۇپ بەردى». (قانات)