2005.03.29
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە تونۇلغان ئايال كارخانىچى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن كۈچلۈك بېسىمى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكا زېمىنىغا ساق- سالامەت يېتىپ كېلىشى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز خوشاللىققا چۆمدۈردى.
ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون ئۇرغان بىر ياش، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.