2005.03.29

ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزنى زىيارەت قىلغاندا، رادىئودىكى مەمۇرى دائىرىلەر ۋە ھەر قايسى بۆلۈم مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم شۇ مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتى، خىتاي – ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىكى كەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى توغرسىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
رابىيە قادىر رادىئومىز خادىملىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «خەلقىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم……….. ئالدى بىلەن جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا خەلقىمنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم»، دەپ كۆرسەتتى.