2005.03.28
دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە تونۇلغان ئايال كارخانىچى رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دەن سودېرلاند ئەپەندى، رابىيە خانىمنىڭ ساق – سالامەت ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. رادىئونىڭ ھەر قايسى بۆلۈم دىرېكتورلىرى ۋە مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ، 50 تىن ئارتۇق كىشى رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشتى. رادىئو مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ھاياتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن سۇئاللارنى سورىدى.
رابىيە قادىر، مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز مىللىتى شۇنىڭدەك پۈتكۈل دۇنيادىكى ئېزىلگەن ۋە خورلانغان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)