2005.03.24

بۈگۈن ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق «ۋال سترىت ژورنال» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، نېمە سەۋەبتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەركىنلىكنىڭ زۇلۇمغا قارشى بىر غەلىبىسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى شۇنداقلا، ھەتتا دىكتاتور تۈزۈملەرنىڭمۇ خەلقئارا بىسىمغا بويۇن ئىگىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سەيتوف تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن، » خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىغە، ئۇلار قانچىلىك باي، قانچىلىك سىياسىي تەسىرگە ئېگە، قانچىلىك ئەقىللىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا، يوق قىلىپ تاشلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئويلىغان . دەسلەپتە، خىتاي رەھبەرلىرى رابىيە قادىرنىمۇ باشقا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئوخشاش تۈرمىگە قاماپلا، ئۇنۇتتۇرىۋىتەلەيمىز دەپ ئويلىدى . خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە بۇنداق جىددى قاراپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بۇنداق قاتتىق بېسىم قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىدى .

ئالىم سەيتوف ، «ۋال سترىت ژورنال» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرغان:

«رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان سىياستىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەمما رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ -1949 يىلىدىن بېرى شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىگە قارشى تۇنجى مەنىۋى غەلىبىسى ئىكەنلىكى ئېنىق. (قانات)