2005.03.24

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا، ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس كۈتىۋىلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردى. بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم ئەرباپلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئويۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. ئەلبەتتە مۇراسىمنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى بولغان رابىيە قادىر خانىممۇ ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرى ۋە يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن مەزكۇر مۇراسىمغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.
يىغىن زالىنىڭ تاملىرىغا، رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ھەمدە رابىيە خانىم قويۇپ بېرىلىشتىن ئاۋال ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغلىرىدىكى رەسىملەر چاپلانغان.
ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز
بىزنىڭ خىزمىتىمىز يەنە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشى كېرەك.
مۇراسىمغا كەلگەن بارلىق كىشىلەر بىر-بىرلەپ رابىيە خانىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھال سورىدى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەشتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسىنىڭ باش دېرىكتورى مايكېل ئورېيلى (Michael O’Reilly) يىغىندا دەسلەپ سۆز قىلىپ، بۇ دەقىقىنىڭ قانچىلىلىك خۇشاللىققا تولغان بىر پەيت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئارقىدىنلا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خېلى بۇرۇندىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«رابىيە قادىر قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بىر يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىشكە تىرىشقان. ئۇ يەردە، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش قاتارلىقلار ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. 1999 – يىلى رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭغان چېغىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 8 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەندىن كېيىنمۇ، بىز رابىيەنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە بىر ئورۇنغا قويدۇق. شۇندىن ئېتىبارەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى شۆبىلىرى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە توختىماي بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى».
مايكېل ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى بەزى بۆلۈملەرنىڭ ھەتتا رابىيە خانىمنىڭ مەسىلىسىنىلا ئاساس قىلىپ تۇتۇپ، پۈتۈن خىزمىتىنى مەخسۇس شۇنىڭغىلا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن رابىيە قادىرنىڭ ئاللىبۇرۇنلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسىدەك بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى:
«بىلىمەن، ۋاشىنگتون بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق. ئەمما مەن سىزگە شۇنداق دىيىشنى ئەپ كۆردۈمكى، ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز».
كۆرىشىمىز تېخى ئەمدى باشلاندى

ئارقىدىن سۆز قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتورى ت. كۇمار (T. Kumar) ، ئۇلارنىڭ رابىيە قادىر ئائىلىسى بىلەن بىرگە رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئائىلە بىلەن بىز 5 يىلنىڭ ئالدىدا تونۇشتۇق. ئۇ چاغدا تېخى قۇرامىغىمۇ يەتمىگەن كىچىك بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىسىنى ئىزدەۋاتاتتى. رابىيە قادىرنىڭ مەسىلىسى بىز ئىشلەۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئالاھىدە بىر مەسىلە بولدى. بۇنداق بولىشىدا ئىككى سەۋەپ بار. بىرى، بالىلار. ئىككىنچىسى، رابىيە قادىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭغاندا قولغان ئېلىنغان».
ت. كۇمار سۆزىدە يەنە، رابىيە قادىرنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ، پەرزەنتلىرى بىلەن قايتا جەم بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە ئېلىپ بارىدىغان كۈرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشىڭىز بىلەن بىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاۋىنى ئەمدى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار چۈش كۆرۈۋېتىپتۇ…….. بىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى كۆرىشىمىز تېخى ئەمدى باشلاندى…. خىتاي ھۆكۈمىتى، سىلەر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلمىغىچە بىزنىڭ بۇ يولدىكى كۈرىشىمىز ھەرگىزمۇ توختىمايدۇ.
«ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشىڭىز بىلەن بىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاۋىنى ئەمدى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار چۈش كۆرۈۋېتىپتۇ. بىزنىڭ بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان كۈچلۈك بىر سۆزىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى كۆرىشىمىز تېخى ئەمدى باشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى، سىلەر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلمىغىچە بىزنىڭ بۇ يولدىكى كۈرىشىمىز ھەرگىزمۇ توختىمايدۇ».
ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن
ت. كۇمار ئەپەندى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر نى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. راندال شرايۋېر ئالدى بىلەن رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىغا كەلگىنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ۋە مەن ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىزنى بۇ يەردە كۆرگىنىمىزدىن قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىگىمىزنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئۆتكەن قېتىم بىز ھەممىمىز مىكرافوننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلغان ئىدۇق. مۇنداق يۈز تۇرانە تۇرۇپ گەپ قىلىشساق تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن ئەمەسمۇ».
راندال شرايۋېر ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى قايتا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ساق-سالامەت ۋە بالدۇر قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتايدىكى ھەر قايسى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. مەن بايا دېگەن سۆزۈمنى يەنە تەكرارلايمەن. بىزنىڭ خىزمىتىمىز يەنە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشى كېرەك».
كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن
راندال شرايۋېر ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا رابىيە خانىمنىڭ سۆيۈملۈك ئائىلىسى بىلەن قايتا جەم بولۇپ خۇشال-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ھاياجانغا تولغان رابىيە خانىم قىزى ئەقىدەنىڭ تەرجىمانلىغىدا مۇراسىمغا قاتناشقان مىھمانلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى بېغىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
رابىيە خانىمنىڭ سۆزلىرى يىغىن زالىدىكى بارلىق كىشىلەرنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى ھەمدە يىغىندىكى مەيلى ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مىھمانلار بولسۇن رابىيە خانىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.