2005.03.23
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈيۈك شۆھرەت ۋە نام ئابروي قازانغان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ناخشىلاردا تىلغا ئېلىنىپ مەدھىيىلىنىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى» نامى بىلەن تەرىپلەندى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ 17-مارت كۈنى ھۆرلۈككە چىقىشى، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز شاتلاندۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مەشھۇر سىياسىيون ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان پىشقەدەم مائارىپچى ھۆسەن ئەپەندى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئوغلى، 11 پەرزەنتىنىڭ بىرى بولغان تۇرسۇن ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ ھۆرلۈككە چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، ھۆسەن ئەپەندى ۋە تۇرسۇن ئەپەندىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.