2005.03.22

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئوتتۇرا شەرقتىن خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىغا ۋە شەرقى تۈركىستانغا قەدەر قانات يايدۇرۇشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر يەكشەنبە كۈنى بۇلۇمبەرگ سودا خەۋەر تورىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ۋەتەندە قالغان بالا-چاقا ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنى تۈرمىگە تاشلايدىغانلىق توغرىسىدا تەھدىد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۆھبىتىدە، ھېلىمۇ مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆزى تارتقان ئازابنى تارتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، ئۇلار مىنىڭ ئۈچۈن ۋەتەندە قالغان بەش پەرزەندىمگە ئوخشاشلا قىممەتلىك، دېدى. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكىدا ئويغۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيىتىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (قانات)