2005.03.22

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىرنى قولغا ئالغان ۋاقتىدا بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، رابىيە قادىرنى مىللي بۆلگۈنچىلەرنى ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن قارىلاپ كەلگەن ئىدى.

بۇ پروگراممىمىزدا، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا رابىيە قادىر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارنى تونۇشتۇرىدۇ ھەم شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنى ئاڭلىتىدۇ.