2005.03.21

noruz2.jpg
تەبرىكلەش يىغىلىشىدا، ئامانۇللا ئازاد بىلەن ئەلفىدار ئىلتەبىر «مېھمان چاقىرىش» ناملىق ئىتوتنى ئوتۇنلىماقتا. RFA

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار يەكشەنبە كۈنى ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملارنىڭ بىرى بولغان نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى 200 گە يېقىن ئۇيغۇرلار يەكشەنبە كۈنى كەچتە ۋىرجىنىيا شىتاتىدىكى جورج مەيسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جونسىن مەركىزىدە يىغىلىپ، نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاشتى.

مەزكۇر پائالىيەتكە، ئەمدىلا خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشتى. ئۇ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىك، بەخىت- سائادەت تىلىدى. پائالىيەتتە يەنە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياش- ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىكىدىن ھەرخىل نۇمۇرلارنى تەييارلاپ ئورۇنلىدى.

ئامېرىكىدىن سىرت، گىرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. (ئارزۇ)