2005.03.21

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى نەتىجىسىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر ھۆرۈيەتكە ئېرىشىپ، ئامېرىكىغا كىلىپ، يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولۇشى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا ئالماتادىكى تارىخچى، سىياسىي پائالىيەتچى سابىت ئابدۇراخمان ۋە شەقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىسى قۇربان ھۈسەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدى.