2005.03.18
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ب د ت يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
مەركىزى نيو – يوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامما بۇ رابىيە قادىرنى بىر قانچە يىل تۈرمىگە سولىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى نەتىجىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى خەلقئارا چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا بەزى ئاتاغلىق سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش بۇنىڭ تىپىك مىسالى، دەپ تەكىتلىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىتىنىڭ يىغىنىدا بىرەر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ رىئاللىقنى تەنقىد قىلمىسا، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتى بولىدۇ ، دەپ كۆرسەتتى.
شۇ كۈنى، مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسى مەھبۇسلارنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن سودىلىشىدىغان سىياسى كوزۇرغا ئايلاندۇرۋېلىش بىلەن ئەيىپلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىتىنىڭ بۇ يىلقى جەنۋە يىغىنىدا خىتاينى تەنقىد قىلىش لاھىيىسى سۇنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا بۇ قارارنى رابىيە قادىر قويۇپ بېرىلىشنىڭ بىر قانچە سائەت ئالدىدا ئېلان قىلغان. (ئەركىن)