2005.03.18

ئاتاغلىق ئۇيغۇر كارخانىچى ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاينىڭ زىندان ئازاپلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىققانلىقى ۋە ئامېرىكىغا سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھۆرلۈككە چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ تەبرىكلىرىنى يەتكۈزدى.