2005.03.17
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم 17-مارت كۈنى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھېچقانداق خەۋەر تارقاتمىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلىفون قىلدۇق.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتەكىن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.