2005.03.02
شاڭخەي تيەنيى ئادۋوكاتلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گو گوتىڭ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان مۇخبىر شىتاۋ ۋە ئىنتېرنېتتە ئۆز پىكرىنى بايان قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغان. ئۇ خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىغا ئاقلىغۇچى بولىۋاتقان ئاز ساندىكى يۈرەكلىك ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى.
ئادۋوكات گوگوتىڭنىڭ رادىئويىمىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەي ئەدىلىيە تارماقلىرى 23 – فىۋرال كۈنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى ئاختۇرۇپ، كومپيۇتېرى ۋە ئادۋوكاتلىق كېنىشكىسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئەدىلىيە خادىملىرى يەنە ئۇنىڭ خىزمىتىنى بىر يىل توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالغان.
گۇناھى نېمە؟
ئۇنداقتا، شاڭخەي ئەدىلىيە تارماقلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا خىزمىتىنى بىر يىل توختىتىشتەك مەمۇرىي جازا بەرمەكچى بولدى؟ ئادۋوكات گوگوتىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن سەۋەبى، مەن ماقالە يېزىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنى تەنقىد قىلىپتىمەن. ئۇلار مېنى خىتاي كومپارتىيىسىگە بەدنام چاپلىدى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە قارشى چىقتى، دۆلەتنىڭ ئابرويىنى تۆكۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ».
ئادۋوكات گوگوتىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇنى جازالاشتا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ سەۋەبلىرى ئىنتايىن بىمەنا ئىكەن. گو گوتىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن شاڭخەي سوت دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ…. ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىن ھالدا مۇخبىرلىق قىلماق مۇمكىن ئەمەس.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى مەن تەلەپ قىلغان. ئۇلار مېنى نېمە سەۋەب بىلەن جازالايدۇ، قانۇنىي ئاساسىي بارمۇ دېگەندەكلەر ھەققىدە مەن ئۆزەمنى ئاقلايمەن. ئۇلار مېنىڭ ئاقلىشىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاندىن ماڭا قارىتىلغان جازانى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىشنى بېكىتىدۇ. ئۇلار ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىمنى بىر يىل توختىتىش جازاسىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى بۇ جازانى بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى دەپ ئۈچ ئايغا قىسقارتىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئىسپات بېرىش يىغىنىدىن كىيىن، ئۇلار بۇنداق جازا بېرىشنىڭ قانۇنىي ئاساسىي يوق دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا ماڭا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئىھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسى بار.»
ئادۋوكات گو گوتىڭ ئۆزىنىڭ گەرچە تۈرلۈك بېسىملارغا دۈچ كەلسىمۇ، بىراق قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق ئاقلىغۇچىسى
خۇنەن چاڭشا شەھەرلىك سوت تارماقلىرى كىلەر دۈشەنبە كۈنى گو گوتىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان مۇخبىر شى تاۋنىڭ دىلوسى ئۈستىدىن يېپىق سوت ئاچىدۇ. خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شائىر ۋە مۇخبىر شى تاۋ ئۆتكەن يىلى 11 – ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ » 4 – ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسى» گە ئائىت بىر پارچە ھۆججىتىنى ئىنتەرنەتتە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئادۋوكات گو گوتىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 7 – مارت كۈنى ئېچىلىدىغان يېپىق سوتقا چىقىپ، شى تاۋنى ئاقلايدىكەن.
باش شتابى پارىژدىكى » چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» سەيشەنبە كۈنى، گو گوتىڭنىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم مۇخبىر ۋە ئۆكتىچىلەرگە ئاقلىغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ تەھدىدىگە ۋە ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ قىلمىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن- تۈزۈمنى ھۆرمەت قىلىش سەمىمىيىتىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
يۈرەكلىك ۋە دادىل ئادۋوكات
«چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى»نىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ۋىنسىن بىروسېل (Winchent Brossel) ، ئادۋوكات گوگوتىڭنىڭ زور بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«گوگوتىڭ خىتايدىكى ئۆكتىچىلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە مۇخبىرلارغا ئاقلىغۇچى بولىۋاتقان يۈرەكلىك ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا تەھدىد سېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ خىزمىتىنى چەكلىمەكچى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئىنتايىن دادىل. مەسىلەن، ئۇ ئاقلىغۇچىلىرى قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان ۋە ياكى ئادالەتسىز سوتلانغانلىقىنى بىلگەن ھامان، بىر نەچچە قېتىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ۋە ھۆكۈمەتكە قارىمايدىغان تەشكىلاتلارغا ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر
گوگوتىڭ خىتايدىكى ئۆكتىچىلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە مۇخبىرلارغا ئاقلىغۇچى بولىۋاتقان يۈرەكلىك ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى.
ۋىنسىن بىروسىل يەنە، گەرچە خىتايدا ھەر خىل تېلېۋىزور، گېزىت- ژورنال، مەتبۇئاتلار تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى يەنە قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەيدىغان مەزمۇنلار ۋە چىرىكلىك، ئەيدىز قاتارلىق تېمىلاردا ئەركىن ئۇچۇر بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇچۇرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ۋە خىتاي مۇخبىرلىرى ئوخشاشلا بېسىمغا ئۇچرايدۇ. خىتايدا مۇخبىر بولماق تەس دىيىلسە، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىر بولماق تېخىمۇ تەس. رابىيە قادىرنى مىسالغا ئالساق، ئۇ مۇخبىر ئەمەس تۇرۇپ، پەقەت گېزىتنى چەتئەلگە ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى. ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارغا ئۇچۇر يەتكۈزمەكچى بولغان دىلكەش تىلىۋالدى دېگەن كىشىمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا مۇخبىرلارنىڭ كۈنى قانداق بولماقچى؟ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىن ھالدا مۇخبىرلىق قىلماق مۇمكىن ئەمەس».
قانۇنىي ئاساسى بارمۇ؟
شاڭخەي ئەدىلىيە دائىرىلىرىنىڭ گوگوتىڭنىڭ ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى توختىتىشتا، قانۇنىي ئاساسى بارمۇ؟ نىۋادا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي قانۇن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى لۇ خوڭ ، خىتاينىڭ يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ئەرزىيەت قانۇنىدا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ خېرىدارلىرىنى ئاقلاش جەريانىدا قانۇنسىز ۋە مۇۋاپىق بولمىغان قىلمىشلىرى، مەسىلەن، ئىسپاتنى ئويدۇرۇپ چىقىش، باشقا گۇۋاھچىلارغا تەھدىد سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى بولسا، ئۇ ھالدا ئادۋوكاتلار قولغا ئېلىنسا ۋە ياكى ئەيىپلەنسە بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: » غەرب ئەھلى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئۆكتىچىلەرنى ئاقلىغاندا، ھەر خىل توسالغۇلارغا دۈچ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا بەزى مەشھۇر ئادۋوكاتلار ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن سېستىمىسى بويىچە ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار قانۇن بويىچە ئەيىبلەنسە بولىدۇ.»
باشقىچە كۆزقاراش
ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى قانۇن ساھەسىدە ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا قانۇن ئىلمىدە ئوقۇۋاتقان ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندى، لۇ خۇڭنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە ئۇقۇملار ئېنىق بولمىغانلىقى، ھۆكۈمەت سوتقا ئارىلىشالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شاڭخەيدە ئادۋوكات گو گوتىڭغا تەھدىد ئىشلىتىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقەتتە تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئادۋوكاتلارغىمۇ سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)