2005.02.08
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تەرەپكە تاپشۇرغان سىياسى مەھبۇسلار تىزىمىلىكىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. ئامېرىكىنىڭ سان – فرانسسىسكو شەھىرىدىكى «سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر بىلەن مۇھەممەد تاش ئىسىملىك يەنە بىر سىياسى مەھبۇسنىڭ ئىسىملىكى ئورۇن ئالغان.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى سەۋەپلەردىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم سىياسى مەھبۇس سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە «سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» ئارقىلىق ئامېرىكا تەرەپكە خىتاي تۈرمىسىدىكى 56 نەپەر سىياسى مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغان ئىدى.
«سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇھەممەت تاش ئىسىملىك سىياسى مەھبۇس ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى «سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» تىزىملىكىدە يوق بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغىچە كىشىلەرگە تونۇلمىغان بىر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغانلىقى، «سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
«سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، مۇھەممەد تاش 2000 – يىلى خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن قورال -ياراق ساقلاش «جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. تىزىملىكتىكى رابىيە قادىر بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىدە ئالدىن قاتاردىكى كىشى ھېسابلىنىدۇ.(ئەركىن)