2005.02.07

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىگە خىتاي تۈرمىسىدىكى بىر تۈركۈم سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى تاپشۇرغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىجابىي باھا بەرمەكتە.

ئامېرىكا كېلەر ئايدا چاقىرىلىدىغان جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينى تەنقىد قىلىش ياكى قولماسلىقنى ئويلىشىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا 51 كىشىلىك سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى تاپشۇرغان. تىزىملىكتىكى مەھبۇسلارنىڭ بەزىلىرى جازا مۇددىتى قىسقارتىلغانلار، يەنە بەزىلىرى قويۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ مەركىزى سان-فرانسىسكو دىكى «سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا ئامېرىكا تەرەپكە تاپشۇرغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، دەپ تەنقىد قىلماقتا. خىتاينىڭ سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئون نەچچىسى تىبەتلەر ئىكەن. » ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى«، تىزىملىكتىكى بەزى مەھبۇسلارنىڭ ھازىرغىچە تاشقىي دۇنياغا تونۇلمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سان- فرانسىسكودىكى » سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى جون كام، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى » زور ئىلگىرلەش،»دەپ ماختىغان. ئامما مەركىزى ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئەگەر كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاندا سىياسى سەۋەپلەردىن قولغا ئېلىنمىسا شۇنداقلا يۇقىرىقى سەۋەپلەردىن قولغا ئېلىنغانلار قويۇپ بېرىلسە، بۇ ‘ ھەقىقى ئىلگىرلەش» بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)