2005.01.31
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ سىمۋولى بولغان رابىيە قادىر، 2005 – يىللىق خەلقئارا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى بولغان «بالىلارنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتى، ئۇكرائىنىيىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشېنكو ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل قاتارلىقلارمۇ نوبېل كاندىداتى بولىشى مۇمكىن.
رابىيە قادىر تېخى ئۆتكەن يىلى خەلقئارا رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، رافتو فوندى جەمئىيىتى 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا كېلىپ، مۇكاپاتنى رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ئىلگىرى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بېرمىنىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى ئاڭ سەن سۇكى ۋە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىرانلىق شىرىن ئېبادى قاتارلىق بىر قانچە شەخسلەر كېيىن نوبېل مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن ئىدى.
رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆتكەن ھەپتە ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رابىيە قادىرنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نوبېل مۇكاپاتى شۋىتسىيىلىك ئالىم ئەلفرېد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسىيىتى بىلەن 1900 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە، مېدىتسىنا، ئەدەبىيات، ئىقتىساد ۋە تىنچلىق ساھەلىرىدىكى نەتىجىلەرگە بېرىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر دانە ئالتۇن مېدال، نوبېل كېنىشكىسى ۋە 1 مىليون 300 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدۇ.(پەرىدە)