2005.01.26

ئۇيغۇر كارخانىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمغا خەلقئارا رافتو مۇكاپاتىنى بەرگەن نورۋىگىيىدىكى رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، ئىستانسىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنىي لىنگارد بۇ قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ رابىيە قادىرغا بېرىلگەن بۇ رافتو مۇكاپاتىنى رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لىنگارد ئەپەندى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، رابىيە قادىر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ھەقتە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
رافتو فوندى جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنى كەچتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى. بۇ مۇراسىمغا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم لەنتوس قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى قاتناشماقچى. (پەرىدە)