2005.01.21
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر، ئۈرۈمچىنىڭ سەنشىخاڭزا رايونىدىكى سودا بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى، گاز تۇربىسىنىڭ پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى .خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە 2 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ۋەقەدە بۇنىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلگەن بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. ۋەقەدە يارىلانغانلار ئاپتونوم رايونلۇق 2 – دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان. ئامما دوختۇرخانىدىكى دائىرىلەر ئۆلگەنلەر ۋە يارىدارلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى خۇاڭ گوڭيى، پارتلاش ۋەقەسى تەبىئىي گاز تەمىنلەش شىركىتىنىڭ بېسىم تەڭشەش پونكىتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ جاي رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يۆجىڭگەيگە بارىدىغان كوچىنىڭ يەر ئاستىغا توغرا كېلىدىكەن.
پارتلاش توققۇز كۋادىرات مېتىر چوڭلىقتىكى بىر ئازگالنى پەيدا قىلغان. خۇاڭ گوڭيى پارتلاشنىڭ گاز چىقىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. گازنىڭ قانداق قىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى تېخى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
بەزى خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خىتاي ئىشچىلار يەر ئاستىدىكى گاز يولىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار جەنۇبىي قوۋۇق، دۆڭ كۆۋرۈك شۇنداقلا شىخابا تەرەپلەرگە ئۆتۈدىغان يوللارنى 2 سائەتتەك قامال قىلغان. (ئەركىن)