2005.01.20

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مىنىبۇستىكى پارتلاش بىلەن ئۈرۈمچىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 14، دەپ ئېلان قىلدى. بىراق مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ئۆلگەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدىكى «توققۇز چاقىرىم» دىگەن جايدا بىر مىنىبۇستا يۈز بەرگەن. ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش، مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىدىن 4 سائەت كېيىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن. مايتاغدىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيداننى دەرھال قامال قىلغان. ۋەقەنىڭ قۇربان ھېيت نامىزى ھارپىسىغا توغرا كەلگەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئادەتتىكى قاتناش ۋەقەسى ئەمەس

خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتە بىر يولۇچىلار مىنىبۇسىنىڭ، 312 – نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى بىلەن 217 – نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولىنىڭ ئاچىلىدا پارتلاپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ جاي مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدىكى «توققۇز چاقىرىم» دەپ ئاتىلىدىغان ئاچال ئەراپىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەنگىلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ھازىرغا قەدەر 12 ئادەم ئۆلگەن. خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پارتلاشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 8 ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن، يارىدارلارنىڭ تۆتى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن جان ئۈزگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ساقچىلارنىڭ ۋەقەنى ئادەتتىكى قاتناش ھادىسىسى ئەمەس، دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقىنى شۇنداقلا ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، كۇيتۇن ۋە قارىمايدىكى ساقچى ئىدارىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. بىراق ساقچىلار پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. كۇيتوڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دەيدۇ : «مەن سېنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيمەن. مېنىڭ سېنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىم يوق. مەن ئەھۋالنى ئۇقمايمەن . مېنىڭ ساڭا بۇ ھەقتە بىر نېمىلەرنى دەپ بېرىشىم توغرا بولمايدۇ.»

كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مىنىبۇستىكى يولىچىلارنىڭ ھەممىسى مايتاغلىق ئۇيغۇرلار بولۇپ، پارتلاش شىخۇ ئەتراپىدىكى مازارغا دەپنە قىلىنغان ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاپ قايتىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

ئەنگىلىيە رادىئو – تېلېۋىزىيە شىركىتى BBC، پارتلاشنىڭ قارىمايدىن شىخۇغا كېتىۋاتقان يولۇچىلار مىنىبۇسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ چېن پەمىلىلىك بىر ئەمەلدارى، ۋەقەنى ھازىرچە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە باغلاشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ۋەقەنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان سۇيىقەست، دەپ كۆرسەتتى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىن تارقاتقان رەسىملىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاشتا يولۇچىلار مىنىبۇسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋەقەدە 8 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«ھازىرچە ئەھۋال تېخى ئېنىق ئەمەس»

يارىدارلار كۇيتۇڭ شەھىرىدىكى ئىلى ئوبلاستلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۆمىدىكى بىر دوختۇر، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۈزىنى قاچۇردى.ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرچە ئەھۋال تېخى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر تېخىچە جىددى قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرچە يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى تېخى ئېنىقلانمىدى، بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمەك تەس.» ئۇ، ۋەقەدە قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلاشىن ئۆزىنى قاچۇردى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جايدىكى دوختۇرخانا دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئۈرۈمچىدىكى پارتلاش

مايتاغ ئەتراپىدىكى مىنىبۇس پارتلاش ۋەقەسىدىن تۆت سائەت كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. پارتلاش ئۈرۈمچىنىڭ سەنشىخاڭزا رايونىدىكى ئاۋات بازاردا يۈز بەرگەن. بۇ جايدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار تىجارەت قىلاتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيداننى قامال قىلغان. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ۋەقەنى گاز تۇڭىنىڭ پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ جاكارلىغان. BBC ۋەقەدە ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 11 كىشىنىڭ يارىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىراق ساقچىلار ھازىرغىچە ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ رەسمى سانىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان .

سىرتقا ئېلان قىلماسلىق قارار قىلىنغان

ئىگىلىشىمىزچە، يارىدارلار ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق 2 – دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. 2 – دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى بىر دوختۇر، يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىدىكى ھەر قايسى بۆلۈملەرگە ياتقۇزۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق دوختۇرخانىنىڭ شۇ كۈنكى دىژۇرنى مۇدىرى، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوختۇرخانا دائىرىلىرى يارىدارلار ئەھۋالىنى سىرتقا ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغان. ئۇ، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇنداق قارار قىلغانلىقىنى رەت قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يۆجىڭگەي تەرەپكە توغرا كېلىدۇ.(ئەركىن)