2005.01.20
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكار ئانىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك شەرىپىگە، 26 – يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزمەكچى.
بى مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىلەر مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، ئەقىدەنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.