2005.01.17
خىتاي كومپارتىيىسى يېقىندا 68 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا بىر يېرىم يىلغا قەدەر ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ سىياسى ئىدىئولوگىيە تەربىيىسى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.
كۆپلىگەن مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا سىياسى ئىدىيىۋى ھەرىكەت ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتقانلىقىنى پارتىيە ئىچىدىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ بەك مۇستەھكەملەش ئۈچۈن دەپ قارىماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز مېھرىبان ۋاشىنگتوندىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋۇ خوڭدا ۋە تونۇلغان ئوبزورچى سىدىق ھاجى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.