2005.01.13

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، 2004 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى خۇلاسىلىدى ۋە مەزكۇر دوكلاتتا، دىنىي ئەركىنلىك، سۆز قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، فالۇڭگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە باستۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوفنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بىرلەشتۇرۇلۇپ تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.