2005.01.07
haji-yaqup-kitabi-150.jpg
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى Resimni Chongayting

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان تارىخچى، مەرھۇم ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى» ناملىق كىتابى ئەنقەرەدە نەشردىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ كىتاب رابىيە قادىر خانىمغا بېغىشلاپ چىقىرىلغان.

«شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك» ئىسىملىك بۇ كىتاب، ھاجى ياقۇپ ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىنكى، يەنى 1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە تۈركىيىدىكى ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردا نەشر قىلىنغان ئىلمى ماقالىلىرىنىڭ توپلىمىدۇر

كىتابنى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى مۇتەخەسسىسى سۆنەر يالچىن ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىگە يوغان خەتلەر بىلەن «يېڭىلمەس ئىرادىگە ئىگە ئۇيغۇر ئانىسى رابىيە قادىرغا بېغىشلانغان» دەپ يېزىلغان.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان سونەر يالچىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.