2004.12.13
گېرمانىيىدە چىقىدىغان دېر سىپايگىل (Der Spiegel) ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىگە ئەرز سۇنغان.
گېرمانىيە دائىرىلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پات ئارىدا خىتايغا ئىككى نەپەر تەكشۈرگۈچى خادىمىنى ئەۋەتىپ، خىتاي توپلىغان ئالاقىدار «پاكىتلار» نى تەكشۈرمەكچى بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى گېرمانىيىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت تەشكىلات بىلەن بىر قىسىم شەخىسلەرنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار ۋە تېررورچىلار» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئېتىراپ قىلماي، مەزكۇر تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
بۇ قېتىم، گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شىرويدېرنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، خىتايغا ئادەم ئەۋەتىشنى قارار قىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان زاتلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
نامەلۇم غەرەز
گېرمانىيىنىڭ مىيونخىن شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ئادۋۇكات ئالبېرك گورىڭ ئەپەندى، گېرمانىيىنىڭ خىتايغا تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنى ئەۋەتىشىنىڭ بەلكىم خىتاي بىلەن قىلغان بىر سودىسى بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
– مېنىڭچە گېرمانىيە ھازىر ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك. شۇڭا، گېرمانىيە بۇ قېتىم خىتاينىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، خىتايغا ئادەم ئەۋەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىراق، مېنىڭچە بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ. چۈنكى، گېرمانىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ نازارىتى ۋە قوغدىشى ئاستىدا. گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. مېنىڭچە، گېرمانىيە تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا بېرىشى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ
ئالبېرك گورىڭ ئەپەندى يەنە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيىنىڭ قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا بىنائەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
– مېنىڭچە، گېرمانىيە تەكشۈرگۈچىلىرى بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغان تەغدىردىمۇ ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ھېچقانداق قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغىنى يوق. شۇڭا، خىتايمۇ مېنىڭچە گېرمانىيە تەكشۈرگۈچىلىرىنى قايىل قىلغىدەك پاكىت كۆرسىتەلمەيدۇ.
«تېررورچى» لار تىزىملىكىدىكى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورچىلار» تىزىملىكىگە ئېلىنغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېرورورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلاۋاتىدۇ دىگەن ئەيىپلىشىگە قارىتا، مۇخبىرىمىزنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ