2004.12.10
ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ» نامىدىكى دەرسلىك
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كىلەر يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «شىنجاڭ» نامىدىكى يېڭى بىر دەرسلىك ئوقۇتۇشنى قارار قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ» دەرسلىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، تەبىئىي شارائىتى، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئۆتۈلىدىغان «شىنجاڭ» دەرسلىكى ئۈچۈن 18 پارچە كىتاب لايىھىلەنگەن.
مۇخبىرلىرىمىزنىڭ بۇ يېڭى دەرسلىك ھەققىدىكى سۇئاللىرىنى جاۋاپلاندۇرغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ خادىملىرى بۇ يېڭى دەرسلىكنىڭ ئاساسلىق نىشانى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتاينى تېخىمۇ سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق بىر دەرسلىكنى تەسىس قىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە مائارىپچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددى پائالىيەت ئېلىپ ئېرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كېلەركى يېڭى ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ، «شىنجاڭ » نامىدىكى يېڭى دەرسلىكنى ئۆتۈشنى قارار قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆگىتىپ، دىنسىزلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
12 – ئاينىڭ -10 كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى قوبۇل قىلىنغان كۈن. شۇڭا ھەر يىلى بۇ كۈن دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى دەپ خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى بۇ يىل يەنە داغدۇغىلىق نامايشلار ۋە تەنتەنىلىك مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلىدى.
12 – ئاينىڭ -10 كۈنى گېرمانىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارمىغىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخىن شەھرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا داغدۇغۇلۇق نامايىش ئۆتكۈزدى.
شۇنداقلا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار، مەركىزى تۈركىيىنىڭ قەيسرى شەھىرىدىكى شەرقى تۈركستان ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا داغدۇغىلىق نامايش ئۆتكۈزدى.
خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى پائالىيەتلەر
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا قارىتىلغان 15 يىللىق قورال چەكلىمىسىنى خىتايغا قارىتىلغان بىر سىياسىي كەمسىتىش دەپ كۆرسەتمەكتە. ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى مەزكۇر چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا قىستىماقتا. بۇ مەسىلە ئۆتكەن چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جىياباۋ بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالى دەرىجىلىك سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىدى لېكىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش تەلىۋىنى رەت قىلدى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق قارار ئېلىشىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى چوڭ رول ئوينىغاندەك، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنداقلا، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقى توغرىسىدىكى پائالىيەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ھەسىسىنى قوشتى.
8 – دىكابىر كۈنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈئىۋاتقان بىر پەيتتە، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە مۇڭغۇللار چوڭ بىر نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر نامايىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قورۇلتينىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتىكېن، ئەگەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىپ، خىتايغا قورال سىتىشقا باشلىسا، تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۆز خەلقىغە قارشى قورال ئىشلىتىشتىن چىكىنمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن سېتىپ ئالىدىغان قوراللارنى بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىغە قارشى ئىشلىتىشتىن قەتئى يانمايدۇ، دىدى
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جىيا باۋ بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا 8 – دىكابىر كۈنى گوللاندىيىئىنىڭ گائاگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالى دەرىجىلىك ئۇچىرىشىشنىڭ ھارپىسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئېلىش، تەن جازاسى بېرىش قىلمىشلىرىنىڭ كۈچىيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكلاتىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر بىلەن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسى ئابدۇغىنى مەمتىمىننىڭ مەسىلسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، پىكىر قىلىش، ۋە دىننى ئېتىقاد ھوقۇقنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت پائالىيەتچىلىرى تۈرمىگە تاشلانماقتا دەپ كۆرسەتكەن.
«خىتايدىكى كىشىلىك ھۇقۇق مەئىسىلىسى» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئېچىلدى
7- دىكابىر كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.
گىرمانىيە باش مىنىستىرى گىرھارد شۈرۈدەرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارمىغىدىكى «ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھاد مۇھەممىدى، باش كاتىپ ئۈمىد ئاگاھى قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ھاشار دىگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى. (قانات)