2004.12.08
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن خې يىڭنىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىنىڭ زور قەدەمدە ئىلگىرىلەپ زامانىمىزدا ئاجايىپ يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەييارلىغان بىر دوكلاتى ئېلان قىلدى. ماقالىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يۆنىلىشى، نەتىجە ھەم مەغلۇبىيەتلىرىگە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىجادىيەت بۆشىكى بولغان ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلىنى تەرك ئەتكەن، چەتئەللەردىكى شائىر ھەم يازغۇچىلىرىمىز قانداق باھالارنى بېرىدۇ.
بىز بۇ تېمىدا رادىئومىزدا داڭلىق ئۇيغۇر ئوبزورچىسى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىدىق ھاجى روزى، تالانتلىق ياش شائىر ھەم يازغۇچى، كانادادا ياشاۋاتقان ئەخمەتجان ئوسمانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.