2004.12.06
يېقىندا كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ «ئويغانغان تۈركىستان» ناملىق ناخشا ئالبۇمىنىڭ 5- قىسمى نەشر قىلىنىپ، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تارقىتىلدى.
بۇ ناخشا ئالبۇمىدىكى «رابىيە قادىر»، «ئۇر ئامېرىكا» قاتارلىق ناخشىلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كۈرەش كۈسەن ئەپەندى سۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىلارنى يېزىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە سۆزلىدى.
كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرى ۋە «ئۇر ئامېرىكا» ناملىق ناخشىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاڭ