2004.12.06
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ، 1985 – يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى يېقىندا، قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.
نۆۋەتتە بۇ بىرلەشمە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى بويىچە جەمئىي 111 جەمئىيەت ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە خىزمەتتە بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ، ئىجتىمائىي پەنلەر جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق .
بۇ پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا ،ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت قىلغايسىلەر.