2004.11.26
ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرى
رابىيە قادىر دۇنيادىكى 10 مەشھۇر ئايالنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئاتاقلىق ژۇرناللاردىن بىرى «ماري كلېر» دۇنيادىكى 10 ئايال قەھرىمانى باھالاپ، مۇكاپاتلىدى. بۇ ژۇرنالنىڭ 2004-يىللى، 12-ئايلىق سانىدا مەزكۇر 10 قەھرىمان ئايالنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ 10 ئايالنىڭ بىرى قاتارىدا رابىيە قادىرمۇ مۇكاپاتلانغان.دېمەك، رافتو مۇكاپاتىدىن كېيىن رابىيە قادىر يەنە بىر قېتىم خەلقارانىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، دۇنيادىكى 10 مەشھۇر ئايالنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
«ماري كلېر» ژۇرنىلى مەزكۇر 10 ئايالنى پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈزلىگەن ئايال قەھرىمانلار ئارىسىدىن تاللاپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا قاتتىق ھەم يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلغان. رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش ۋە خەلقىنىڭ مائارىپ، ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە قادىرنىڭ ئۆمۈرلىك ھەمراھى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى «رابىيە قادىرغا بېرىلگەن بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىغە مەنسۇپ ئىكەنلىكى»نى كۆرسەتتى.
مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش جىددىلەشتۈرۈلمەكتە
خىتاينىڭ «تەڭرى تاغ»، «شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى» ۋە «قەشقەر گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، مىسال سۈپىتىدە نۆۋەتتە يېزا –قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پەرزەنتلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرىگە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بۇ خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە پىچان ناھىيىسىنىڭ دالا كارىز يېزىسىدىكى خىتايچە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ ٪ 67 نى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن. قەشقەردىكى خىتايچە باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ٪ 20 نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. مارالبېشى ناھىيىلىك سېرىق بۇيا خىتاي مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ٪ 84 نى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تەشكىل قىلغان ئىكەن.
بۇ خىل ئەھۋاللارنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگۈنىشىنىڭ بىر خىل ئېھتىياجلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قاراۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسەتمەكتە. لەكىن ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئاستىدا پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەكتەپكە بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى «قوش تىللىق مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش» نامى ئاستىدا ئۆز تىل سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تېخنىكوملاردا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى توختاتقان.
خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۆتكەن پەيشەنبە يەنى 18-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جامېس لىچ رىياسەتچىلىك قىلدى. جامەس لىچ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن.
» گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بەلگىلەڭەن بولسىمۇ، بىراق، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ھەر قانداق دىننىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرى بىلەن باغلاپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر رايونلىرىدا دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرماقتا»
يىغىندا ئىسپات بەرگەن ئامېرىكا خەلقارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پرىتا بەنسىل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى نازارەت ئاستىغا ئالمىغان بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىد دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
» كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش خىتاينىڭ ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى پۇقرالارغا قاراتقان مۇئامىلىسى بۇ رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەقەلەر غەرىپنىڭ ۋە باشقا ئەللەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ»
پرىتا بەنسىل خانىم يەنە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋە لاسادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ھەققىدە
ئۆز مۇخبىرىمىز رىچارد فەننىينىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە ئۆزىنى » شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى»نىڭ «باش مىنىستىرى» دەپ ئاتىغان ئەنۋەر يۈسۈپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى»نى قوللىغانلىقى ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. ئەنۋەر يۈسۈپنىڭ ئاشكارىلىشىچە يەنە «سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم 60 كىشىلىك سۈرگۈندىكى پارلامېنت تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئەھۋال مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى تام كەيسىي دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى»نى قوللىغانلىقىنى رەت قىلدى.
تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
21-نويابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مەركىزىدە » تۈرك دۇنياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەخلاقى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى. بۇنىڭغا ھەر ساھەدىن بولۇپ،100 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە؛ ‘تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتى» نىڭ باشلىقى ئابدۇللا بوكسۇر ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆپەيمەكتە
خىتايدىكى تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ بۇ يىل 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 9346 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ئەيدىز كېسىلى ئۇيغۇر دىيارىدا كۈنسايىن كۆپەيمەكتە، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر قاتارىدا يەنە ئەخلاقسىزلىق خائىشلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىچكىرى خىتايدىن كېلىۋاتقان ئەيدىز مىكروپى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بۇ كېسەلنى توشۇپ كېلىپ، يەرلىك ئاھالىلارغا يۇقتۇرۇشىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
خەلقارا خەۋەرلەر
بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سۆزلەشتى
چىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا پرىزدېنتى گېئورگى بۇش بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۇچرىشىپ، بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشكەن.
ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى تەيۋەن مەسىلىسى ۋە باشقا خەلقارالىق مەسىلىلەر ھەمدە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇش خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇش يەنە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىمۇ تىلغا ئالغان.
بېيجىڭدا ساقچىلار يىغىنى ئېچىلدى
خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ ساقچى ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا خەلقارا تېررورچىلىققا قارشى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىننى بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان.
بېيجىڭ قەشقەرنى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى قىلماقچى ئىكەن
ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە بېيجىڭدا «قەشقەر-ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادى نۇقتىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇنىڭغا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېگرىداش ھەم چېگرىداش بولمىغان 8 دۆلەت باش ئەلچىلىرى قاتناشقان.
خىتاينىڭ مەقسىدى يېقىن كەلگۈسىدە قەشقەرنى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن. لەكىن، ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرى بېيجىڭنىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان قەشقەر قاتارلىق رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ، بۇ رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلاردىن ئاشۇرۇشتەك ئىستراتېگىيىلىك نىشان جايلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇكرائىنىيىدىكى سايلام جىددىي ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئۇكرائىنىيەدىكى پرىزدېنت سايلىمى ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى، چارشەنبە كۈنىدىكى سايلام نەتىجىسى بويىچە ئالغاندا باش مىنىستەر يانكوۋىچ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان. لېكىن، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى يەنى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يۇشېنكو ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلار مەزكۇر سايلامنىڭ راستچىل بولمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن، نەتىجىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرىپ، ئۇكرائىنىيە ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن.
خەلقارا جەمىيەتمۇ بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ دېموكراتىك نورمىلارغا رايە قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۆكتىچىلەر موسكۋا پەرەس بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇكرائىنىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىمايدىكەن. (ئۈمىدۋار)