2004.11.25

گۋانتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 22 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى مەسىلىسى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى جىددى جەلىپ قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە . خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ گۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن جىددى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. لېكىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋېل گۋانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بىرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە قوزغىغان تەسىرى ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رە ئىسى مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.