2004.11.17
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىتاي سودىگەرلىرى ۋە خىتاي قارا گۇروھلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنتايىن ئېغىر ئىجتىمائى مەسىللەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان، ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۇيغۇرلارنىڭ خانىم – قىزلىرى خىتاي ئۆلكىئىرىدە، خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە بولماقتا دىيىشمەكتە.
1994 -يىلى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاتا- ئانىلار ۋە قىزلارغا مۇراجەت» دىگەن ماقالىنىڭ كۈچىدىن خىتاي ئۆلكىسىگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئاپتوبۇستىن 75 نەپەر ئۇيغۇر قىزى قايتۇرپ چۈشۈرۈلگەن.
بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ خىل پاجىئە بارغانسېرى ئەۋج ئالدى لېكىن، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىسىگە بېرىشتىن توساپ قالىدىغان «قىزلىرىمىزغا ۋە ئاتا – ئانىلارغا مۇراجەت» ناملىق ماقالىغا ئوخشاش ئىككىنچى بىر ماقالە ھىچقاچان ئېلان قىلىنىپ باقمىدى.
ئۆزىنىڭ «قىزلىرىمىزغا ۋە ئاتا – ئانىلارغا مۇراجەت» ناملىق ماقالىسى بىلەن75 نەپەر ئۇيغۇر قىزىنى تۇيۇق يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئاتاغلىق ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى شۇ يىللاردىلا، ئەۋج ئالغان بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆتكۈر قەلىمىنى ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلارنى بالىلىرىغا ياخشى ئىگە بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىپپەت – نومۇسىنى ساقلاشقا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئابرويىنى ساقلاشقا چاقىرغان ئىدى.
سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 1994 – يىلى ئېلان قىلىنغان «قىزلىرىمىزغا ۋە ئاتا – ئانىلارغا مۇراجەت» ناملىق ماقالىسىنى يېزىشتىكى مەقسىدىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلىرىغا بولغان مۇراجىتىنى بىلدۈردى.