2004.11.15
رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلىقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بولغان رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز خوشاللىققا چۆمدۈردى. چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ رابىيە قادىرغا رافتو مۇكاپاتى بىرىلگەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خىتاي ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقنىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ھەققىدە توختالدى.