2004.11.12

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى

بۇ يىل 12- نويابىر كۈنى 1944- يىلى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىللىقى توشقان خاتىرە كۈنىدۇر.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ كۈننى قۇتلۇقلاپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە. 12- نويابىر ئاخشىمى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرگىنيا شتاتىدىكى جورجى مايسون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىن كەلگەن شۇنىڭدەك مەلۇم ساندىكى ئامېرىكىلىق مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر پائالىيەت ئىلمىي دوكلات بېرىش شۇنىڭدەك تارىخى ۋەقەلەرنى ئەسلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت سۈرەتلەر، مىللىي ئارمىيىنىڭ كىيىملىرى ۋە باشقا بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىندى. سابىق مىللىي ئارمىيىنىڭ كاپىتانى، يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆرگەن بىلگەنلىرى ھەمدە مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭ مۇساپىلىرى ھەققىدە ناھايىتى تەسىرلىك دوكلات بەردى.

ئەزىز دوستلار، 1933- يىلى، 12- نويابىر كۈنى قەشقەر شەھرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئوخشاش بىر ئاي ۋە بىر كۈنگە توغرا كەلگەن.

رابىيە قادىرغا رافتو مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

7- نويابىر كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بەرگەن شەھىرىدە رابىيە قادىرغا رافتو مۇكاپاتىنى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. رابىيە قادىرغا بېرىلگەن بۇ مۇكاپاتنى ئۇيغۇرچە كىيىم كىيگەن بىر جۈپ ئۇيغۇر پەرزەنتى كۆتۈرۈپ چىقتى. فوندى جەمئىيەتنىڭ باشلىقى رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن قىزى ئەقىدەنى تېلېفونغا ئۇلاپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى. كۈرەش كۈسەن رابىيە قادىرغا ئاتاپ ئىجاد قىلغان ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، يىغىننى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

رافتو مۇكاپاتى خەلقئارا ئەھمىيەتكە ئىگە مۇكاپات بولۇپ، يىلدا بىر ئادەمگە بېرىلىدۇ. بۇنى ئالغان كۆپىنچە كىشىلەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش تورى قۇرماقچى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا 2006- يىلىدىن باشلاپ، ئاياللاردىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى قۇرۇپ ئىش باشلايدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە دائىرلىرى دەسلەپكى قەدەمدە 500 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئاجراتقان.

گۇئاڭجۇدا ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

گۇئاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچى دائىرلىرى ئارىسىدا كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچىرىغا قارىغاندا بۇ ۋەقە ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنىڭ كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇرنى ئۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان. نەتىجىدە كۆپلىگەن ساقچى خادىملىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇرغان ۋە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان.

گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوتى باشلاندى

ئۆتكەن ھەپتىدە گۇئانتانومو ھەربىي بازىسىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سوتقا تارتىلدى. بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرى سوت جەريانىدا ئۆزىنىڭ «ئەل قائىدە» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن».

بۇ ھەربىي سوت بىر ئاي ئىچىدە مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن دۈشمەن ياكى دۈشمەن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.

ئارافات ۋاپات بولدى

پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياسسىر ئارافات پەيشەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىج شەھىرىدە 75 يېشىدا ۋاپات بولدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەرافاتنىڭ مېيىتى پەيشەنبە كۈنى مىسىرغا ئېلىپ كېلىنىپ، نامىزى چۈشۈرۈلگەن.جۈمە كۈنى ئۇ راماللاغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ھەيۋەتلىك مۇراسىم بىلەن دەپىنە راماللادىكى پەلەستىن باش شتابىنىڭ قورۇسى ئىچىگە دەپىنە قىلىنغان. دەپىنە مۇراسىمىغا 40 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

تەيۋەن يېڭى ئاساسىي قانۇن بېكىتمەكچى

چېن شۇيبيان ئۆتكەن ھەپتىدە تەيۋەننىڭ 2008-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى رەسمى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تەيۋەننىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. تەيۋەن پرىزدېنتىنىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تەيۋەننىڭ تارىخ دەرسلىكىمۇ قايتا تۈزۈلۈپ، ئۇنى ئومۇمىي خىتاي تارىخىدىن ئايرىۋېتىپ، مۇستەقىل تارىخ قىلىش پىكرىمۇ مەيدانغا چىققان.

ياپونىيە خىتاينى خەۋپ دەپ ھېسابلىماقتا

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 8- نويابىر كۈنى خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي كۈچكە ئايلىنىپ، ھەتتا ياپونىيىگىمۇ ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن»دەپ بىلدۈرگەن.ياپونىيە ھەربىي ئىشلار دائىرلىرى 9-ئايدا بىر دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەربىي توقۇنۇشلار قىياس قىلىنغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاينىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخودىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رۇسىيە خەۋەرلىرى ئىچىدە بىر شۇكى، تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاما يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە قالمىقىستان جۇمھۇرىيىتىگە زىيارەتكە كېلىپ، تىبەت كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىش ئېھتىماللىقى زور بولۇپ، قالمىقىستان پرىزدېنتى بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. رۇسىيە ئۆتكەندە بىر قېتىم خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دالاي لاماغا ۋىزا بەرمىگەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)