2004.11.10

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرغا بېرىلگەن رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى، 7 – نويابىر كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

مۇراسىمغا نورۋىگىيە سىياسى سەھنىسىدىكى ئەربابلار، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى زاتلار، نورۋىگىيىلىك ئىنسانپەرۋەرلەر، شۇنداقلا ئامېرىكا ياۋروپا ۋە نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان. رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى ئارنېي لىنگېرد مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، رابىيە قادىرغا بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىغە روھى مەدەت ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، مۇراسىم توغرىسىدىكى تەسىراتلىرى ئۈستىدە توختالدى.