7 – نويابىر كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بەرگېن شەھىرىدىكى 200 يىللىقى تارىخقا ئىگە تىياتىرخانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان رابىيە قادىرغا رافتو مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ دۇتار بىلەن ئورۇنلانغان «ئاتلاندۇق» ناملىق ناخشىسى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن، نورۋىگىيىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى مىللىي سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
2004.11.08
رافتو فوندى جەمئىيىتى باشلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. مۇكاپات بۇيۇمىنى ئۇيغۇرچە كىيىم كىيگەن بىر جۈپ ئۇيغۇر پەرزەنتى كۆتۈرۈپ چىقتى. فوندى جەمئىيەت باشلىقى رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنى ۋە قىزى ئەقىدەنى تېلېفونغا ئۇلاپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى.كۈرەش كۈسەننىڭ رابىيە قادىرغا ئاتاپ يازغان ناخشىسى يىغىن كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.