2004.11.05
5 – نويابىر كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن شەھىرىدە » خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېئىكىن، باش تەپتىش كۈرەش كۆسەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى نۇري تۈركەل قاتارلىقلار تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.