2004.11.02

خىتاينىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىنچۈئەن ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇ يىل 5 – ئايدىن باشلاپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەدىلىيە سىستېمىسىدىكى چېركلىك

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل 6 – ئايدىن 9 – ئايغىچە جەمئىي 1500 دەك دىلو تۇرغۇزۇلۇپ، 1800 دەك ھۆكۈمەت خادىملىرى تەكشۈرۈلگەن. تۇرغۇزۇلغان دىلولارنىڭ ئىچىدە، ھوقۇقىنى سۈيى ئىستىمال قىلىپ، خەلقنىڭ جېنى ۋە مال مۈلكىگە زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىش دىلولىرىنىڭ سانى مىڭغا يەتكەن. بۇ دىلولارغا 1100 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمى چېتىشلىق چىققان. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋە دىمۇكراتىيە ھوقوقىنى دەپسەندە قىلغان جىنايى دىلولار 500 گە يەتكەن بولۇپ، جەمئىي 700 دەك ئەمەلدارلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەكشۈرۈلگەن.

دىلولارغا چېتىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ يەتتە يۈزى ئەدىلىيە سىستېمىسىدىكى خادىملار، تۇققۇز يۈزى مەمۇرىي ئورگانلاردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەنخۈيدە يۈز بەرگەن ساختا سۈت پاراشۇكى دىلوسىدا تۆت ئۆلكىدىن 14 ئەمەلدار تەكشۈرۈلۈپ جازالانغان. سىچۈئەندىكى تو جىياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغۇنۇش ۋەقەسىدە 6 دىلو تۇرغۇزۇلۇپ، 6 كىشى تەكشۈرۈلگەن. خېبېي باجۇۋ ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلارنىڭ بىر جىنايەت گۇماندارىنى سوراق تارتىش جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش دىلوسى ۋە شۇنداقلا خېنەن ئۆلكىسىدىكى 110 جىددىي قۇتقۇزۇش دائىرىلىرىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ئادەم ئەۋەتمىگەنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن دىلولار نۆۋەتتە سوتقا سۇنۇلغان . سوت دائىرىلىرى بەزى دىلولار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان. بىراق، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە توختالمىغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىشىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىۋاتقىنىغا چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىلىرى ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىبى، خەلقئارا قانۇن پەنلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى:

باش شتابى نىيۇ يورىكتىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى لى يۇچىڭ، خىتايدا ساقچىلار ۋە باشقا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

«نۇرغۇن ساقچىلار ئادەتتە تۇتۇلغان، قولغا ئېلىنغان ۋە ھەتتاكى يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنى خالىغانچە ئۇرۇپ تىللاپ، زوراۋانلىق ئىشلىتىدۇ. بەزىلىرىنى ھەتتا ئۇرۇپ ناكا قىلىۋېتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈپمۇ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار خىتايدا ناھايىتى كۆپ، ھازىر خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى ئۆيدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش. ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قۇرۇلۇش ئىگىلىرى ھەتتا بەزىدە قارا جەمئىيەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلكى ھوقوقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر».

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەنە خىتايدا تەسىرى ھەممىدىن كۈچلۈك بولغان بەزى دىلولارنى تاللاپ چىقىپ، شۇلار ئۈستىدىن مەخسوس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. مەزكۇر دىلولارنى ھەل قىلىشقا مەخسۇس ئادەم تەيىنلەپ، ھەل قىلىش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىدىكەن ھەمدە قەرەرلىك ھالدا خادىملارنى ئەۋەتىپ دىلولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن.

ئەمما ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتايدا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆز ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تۈپكى ئۇسۇلنى دىموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دىدى:

ئالىم سېيىتوف ئەپەندىگە ئوخشاش، لى يۇچىڭ ئەپەندىمۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشتە، پەقەت تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇس ھەرىكەتلىرىگە تايىنىئىش كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇخبىرىمىز ئارزۇنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ