2004.10.07

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 55- يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان يوقىتىش خاراكتېردىكى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى يۇقىرى باھالىدى. يېقىندا يەنە كۆپچىلىك رابىيە قادىرنىڭ روفتو مۇكاپاتى ئالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.