2004.10.06

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم «جۇڭخۇئا ۋەتەنپەرۋەرلىكى» ئىدىيىسىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى جىددىلەشتۈرۈشمەكتە.

uyghur_school2_articleimage.jpg

ئىنكاسلارغا قارىغاندا خىتاي تىلىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا ئومۇملاشتۇرۇلۇشى،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۈرلۈك مەسىلىلەر كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشى ۋە تىل كرىزىسى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنىڭ ئىستىقبالىدىن خەۋپسىرەش تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشى مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى گەۋدىلىك تەرەپلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندە سىلەر ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر