2004.10.05
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە جورج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى،سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتوندا يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ،خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەنكى بىر يىل جەريانىدا يەنىلا ئىنتايىن ناچار بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۈر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جىم لىچ (Jim Leach) مەزكۈر كومىتىتنىڭ بولۇپمۇ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى:
– بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاتى ۋە ئەركىنلىكىنى داۋاملىق تۈردە قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى 108 بەتلىك مەزكۈر دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى باستۇرۇشلىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي زىيانكەشلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇلار شەخسى مەدرىس ۋە مەسچىتلەرنى مەنئىي قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ روخسىتىسىز ئېلىپ بېرىلغان دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلارنى جازالىغان؛ ئىماملارنى يىغىپ، ئۇلارغا ئاتالمىش » ۋەتەنپەرۋەرلىك » سىياسىي ئىدىيە تەربىيىسى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئىسلام جەمىيىتى، «قورئان كەرىم » ۋە «ھەدىس»لەرنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن قىلىپ تەپسىر قىلىشنى بەلگىلىگەن.
مەزكۈر دوكلاتتا، ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ دىنىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ھوقوقىنىڭ تارتىلىۋېلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەستىچكە كىرىشىنى چەكلەپلا قالماستىن، ياشلارغا دىنسىزلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى سىياسىي سەۋەب بىلەن قولغا ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر كارخانىچىسى رابىيە قادىرنىڭ مەسىلىسىمۇ دوكلاتتا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتلارنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئاتالمىش» مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە » قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر»نى ئۇيغۇر رايۇنىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىككى چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئافتونومىيىلىك ھوقوققا بولغان ئىنتىلىشنى » مىللىي بۆلگۈنچىلىك » ۋە » تېررورچىلىق» كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرگەن ئامىل بولىشى مومكىن ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى دوكلاتىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ » كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار رادىكال، زوراۋان ئىسلامىي بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىق ھەرىكەتلەرنى قوللايدۇ» دىگەن خاتا پەرەزگە ئاساسلىنىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە سەل قارىماقتا
مەزكۈر كومىتىت دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايۇنىدا زەھەرلىك چىكىملىك كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە كۆچمەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شوڭا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايۇنغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن. بىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسى سۇس بولغان.
دوكلاتتا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ مەلۇم بىر زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى زەھەرلىك چىكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئالاقىدار تارماقلار بۇ ئەھۋاللارنى گەرچە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكىگە خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ زەھەرلىك چىكىملىك چەككۈچىلەر قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن، ئەيدىز كېسلىنى داۋالاش پروگراممىلىرىغا تۇنۇشتۇرۇلمىغان. ئالاقىدار دائىرىلەر ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى خىتاينىڭ 2004 – يىللىق كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر قىسىم يېڭى تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، 2002 – ۋە 2003 – يىللىق دوكلاتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەكلىپلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىچە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى:
بىرىنجىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى دەپسەندە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلارغا ئىقتىساتى ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئىككىنجىدىن ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قاراتقان چەكلىمىسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، ، ھەر قايسى ياشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئىلىپ بېرىش ۋە دىنىي تەربىيە كۆرۈش ھوقوقىغا ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنجىدىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ياكى كونسولخانا ئەمەلدارلىرى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاتالمىش دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئىلىپ كەلدى دىگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سوتىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى ئاخىرىدا، خىتايغا قارىتا ئىلىپ بېرىلغان رادىئو ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا ئاۋازى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى چوقۇم دىنىي ئەركىنلىك، ئىشچىلار ھوقوقى سۆز ئەركىنلىكى ، قانۇنىي ھوقوق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقوقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر خىل پروگىراممىلارنى كۆپەيتىشى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى يەنە ئۇيغۇرلارغا خەۋەر ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر شۆبىسى قۇرۇشى كېرەك.