2004.10.04

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى خەلقارا تەكلىپلەرگە قۇلاق سالمىغان دەپ كۆرسەتتى. لەيلا زېروۋگۇي، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئېلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى، بىراق ئۇ، يېقىنقى 12 يىل مابەينىدە خىتايدىكى تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرى، روھى كېسەللەر دوختۇرخانىلىرى ۋە ساقچى پونكىتلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ شارئىتىدا ھىچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. زاروۋگۇي خانىمنىڭ يىتەكچىلىگىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى 19 – سىنتەبىردىن 30 – سىنتەبىرگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىئىسىنىڭ 1996 – ۋە 1997 – يىلدىكى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن پۇخرالارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

زاروۋگۇي، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى سەپىرى توغرىسىدىكى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 1997 – يىلدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە دائىر 4 تەكلىپنىڭ ھىچبىرىنى ئىجرا قىلمىغان دەپ كۆرسەتتى. زاروۋگۇي، تۇتقۇندىكى مەھبۇسلارنىڭ جىنايىتى مۇقىملاشقىچە گۇناھسىز ھىساپلىنىدىغانلىقىغا دائىر خىتاي قانۇنلىرىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتىنىڭ كونكىرىت ئېنىقلىمىسى يوقلىغىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەرىيانىدىكى سۇيىئىستىمالغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسىدىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشقا ئۇرۇنغان شەخسلەر داۋاملىق جازالانماقتا دەپ كۆرسەتتى.

لەيلا زاروۋگۇي باشچىلىقىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى، خىتايدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتى جەرىيانىدا تاشقى ئىشلار، جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلار، تەپتىش خادىملىرى، ئادۋۇكاتلار، غەيرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئۈچراشقان. خىتايدا كىشىلەرنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، سۇئال – سوراقسىز ھۆكۈم ئېلان قىلىش، سىياسى مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە غەرپ پارلامېنتلىرىدىكى كىشىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىماقتا. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت، كىشىلەرگە تەن جازاسى بېرىش تەشەببۇسىدىكى ئەمەلدارلارنى دەرىجىدىن تاشقىرى زالىملار دەپ ئاتىغان.

ئۇ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن تەن جازاسى توغرىسىدىكى گۇۋالىق بېرىش يىغىنىدا، كۇبا رەھبىرى كاسترۇ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى بەزى رەھبەرلەرنى دەرىجىدىن تاشقىرى زالىملار قاتارىغا مەنسۇپ كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى چوقۇم سۇرۇشتۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دىگەن : «دەرىجىدىن تاشقىرى تەن جازاسى قوللانغان زالىملارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قانۇننىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. مەن شۇنداق دەپ قارايمەنكى، بىز ملۇشىۋېچنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەندەك كۇبادىكى كاسترۇ، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى بەزى رەھبەرلەرنىڭمۇ جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك. ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە تەن جازاسى ئېلىپ بېرىلىشتا جاۋاپكارلىقى بار».

خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋەقەلىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كرىستوفېر سىمىت مۇنداق دەيدۇ : «گەرچە بۇ مەسىلىدە يېقىندىن بېرى بەزى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايدا بەزى ئادەملەر كىشىلەرنى چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇللار بىلەن داۋاملىق جازالىماقتا. ئۇلار دەرىجىدىن تاشقىرى تەن جازاسى قوللانغۇچىلار قاتارىدىكى زالىملارغا مەنسۇپ كىشىلەردۇر. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ قېتىم بېيجىڭ، چىڭدۇ ۋە تىبەت پايتەختى لخاسالاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا بارمىدى. ئامما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى خىتاي بويىچە خالىغانچە ئادەم تۇتۇش، سوئال – سوراقسىز ھۆكۈم ئېلان قىلىش، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش، سىياسى مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش جەھەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان رايۇن ھىساپلىناتتى».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلمىغان. بۇ ئەھۋال چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەپسۇسلاندۇردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف مۇنداق دەيدۇ:

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى زاروۋگۇي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسى ئىپادىلەشكە تىرىشقان. بىراق ئۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ لاسا تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار بىلەن سۈھبەت ئېلىپ بېرىش تەلىپىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دائىرىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، لاسادىكى تەكشۈرۈشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرغان. (ئەركىن)