2004.09.29

ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىن بولغان Google تور بېتىنىڭ خىتايچە ئاخبارات نەشرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بېرىلگەن ھەرقانداق ئۇچۇر، ماقالە ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا ئائىت خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشنى پۈتۈنلەي توختاتقان .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە Google تور بېتىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ھەرىكىتىگە ئائىت خەۋەرلەر ۋە خەلقارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىۋاتقانلىقىغا دائىر مەسىلىلەر ھەتتا رابىيە قادىر مەسىلىسى شۇنىڭدەك رابىيە خانىمنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلار، بىر تۇتاش ئۆچۈرىۋېتىلگەن.

دىلشات رىشىت، Google شىركىتى خىتايچە نەشرىياتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىپلىدى ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆز قۇلىقىنى ئېتىش ئۈچۈن، چاكىنا ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، ئەركىن دۆلەتلەردە چىقىدىغان نەشرياتلارغا ھۇجۇم قىلدى، خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقلىرىدىن بولغان ئاخبارات ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى، بۇ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىگىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى» ،دەپ كۆرسەتتى. (ئارزۇ)