2004.09.28

تەقدىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن كىندىك قىنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، قازاقىستانغا ئورۇنلىشىپ قالغىنىغا 40 يىلدىن ئاشقان، ئۆزىنى ئابدۇكېرىم دەپ تونۇشتۇرغان بىرى يېقىندا شەخسى زىيارەت بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىپ كەلگەن. ئۇ بۇ زىيارىتىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ شاھىت بولغانلىرىغا ئاساسەن سۆزلەپ بەردى.