2004.09.27
نورۋېگىيە رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ، ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تۈرمىدىكى رابىيە قادىرغا بېرىلگەن ئىدى . مۇكاپاتنى رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدىكى ئېرى سىدىق ھاجى روزى ۋاكالەتەن تاپشۇرىۋالىدۇ . سىدىق ھاجى روزى رابىيە خانىمنىىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋېتى بىلەن مۇخبىرىمىز ئەركىنننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، «مىڭ ئانىلار ھەركىتى» توغرىسىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋات بەردى .»مىڭ ئانىلار ھەركىتى» رابىيە قادىرنىڭ رافتۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى .