2004.09.24

نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى «رافتو مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ مۇكاپاتىنى ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن يولدىشى سىدىق ھاجى روزى بىلەن قىزى ئەقىدە سىدىق تاپشۇرىۋالىدۇ .مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى نورۋېگىيەنىڭ بېرگېن دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن . رافتو فوندى جەمئىيىتى ، مۇكاپات رابىيە قادىرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ، بالىلار ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى .رافتو فوندى جەمئىيىتى رابىيە قادىرغا مۇكاپات بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ، ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .
رابىيە قادىر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاياللارنى تەشكىللەپ «مىڭ ئانا شىركىتى» نى قۇرغان . بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتىنىڭ رابىيە قادىرغا بېرىلگەنلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر بېرىلدى . رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى نورۋېگىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە سىياسى مەھبۇسقا بېرىلگەنلىكى مۇھىم بىر ئىشارەت دەپ كۆرسەتتى . يەنە بەزى مەتبۇئاتلار ، رافتو مۇكاپاتىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى يولىدىكى ئاخىرقى باسقۇچ ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى . رابىيە قادىرنىڭ جازا مۇددىتى 2006 – يىلى 8 – ئايدا توشىدۇ. رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى ئەقىدە سىدىق ، ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى .(ئەركىن)