2004.09.24

خىتاي قانۇنىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 5 يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر كارخانىچىسى ۋە جامائەت ئەربابى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتىدە دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە 2004-يىللىق خەلقارالىق رافتۇ مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. مەزكۇر مۇكاپات رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش جۈملىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاراۋانلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن. مۇكاپات بەرگەن نورۋېگىيىدىكى خەلقارالىق رافتۇ فوندى جەمىيىتى چارشەنبە كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە قادىرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

رابىيە قادىرنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا سازاۋەر بولغانلىقىدىن خۇشاللانغان ھەم ئىلھاملانغان ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى مەڭگۈلىك ھەمرىيى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى مۇنداق دېدى. » بۇ يالغۇز رابىيە قادىرى ئائىلىسىنىڭلا شان –شەرىپى بولماستىن بەلكى، پۈتۈن 20 مىليون ئۇيغۇرنىڭ شان –شەرىپى، ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدۇر»

«بۈگۈنكى ئامېرىكا » گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان » ئۇيغۇر ئەلىدە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تەس بولدى» ناملىق ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتورۇللۇقىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

9-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە 5-نۆۋەتلىك خەلقارالىق تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئالىملار قاتارىدا مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ ئورۇن ئالغان.قۇرۇلتايغا تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت نەجدەد سەزەر ئەپەندى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان تۈركىي تىللارنىڭ دۇنياۋى ئورنى ھەققىدە توختۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ تۈركىي تىللارنىڭ ئورنىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيىنىڭ تىل تەتقىقات جەمىيىتى مۇستاپا كامال تەرىپىدىن 1930-يىللاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ، تۈرك تىلىدا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىقلاردىن سۆز قوبۇل قىلغان ئىكەن.

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئۇچىرىغا قارىغاندا 1- ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كېلىش ئالدىدا » 50 كۈنلۈك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش» باشلىنىدىكەن ، بۇ ھەرىكەت ئەمەلىيەتتە 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ ھەقتە مەلۇم بىر ساقچى خادىمى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە بۇ ھەرىكەتنىڭ تامامەن مەخپىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى چىكاگو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق رېجىسسور دېبرىخ ستراتمان ئىشلىگەن «پەلەك شاھى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خەلقارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقان. بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىشىغا ئىشەڭەن پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە چەت`ئەللەردىكى قېرىنداشلارنىڭ قوللۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەلقارا خەۋەرلەر

قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 24- 25- سېنتەبىر كۈنلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولدى. ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ۋە نېفىت، تەبىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى مۇھىم سۆھبەت تېمىسى بولۇپ قالدى.

ئەلۋەتتە، بۇنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغانلىقى روشەن. قازاق يايلاقلىرىدىكى ئاتاسۇدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مايتاغ نېفىتلىكىگە تۇتىشىغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى 28- سېنتەبىردىن ئېتىبارەن رەسمى ئىش باشلايدىكەن. بۇ لىنىيە ئارقىلىق قازاقىستان 2005- يىلىدىن باشلاپ، خىتايغا ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىكەن

21- سېنتەبىردىن 23- سېنتەبىرغىچە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېنجاباۋ قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى. ئۇ، بۇ جەرىياندا پرىزدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ، باش مىنىستىر نىكولاي تېنايېۋ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر باياناتتا ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش قايتا تەكىتلەڭەن.

ۋېنجاباۋ يەنە بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاساسىي ۋەزىپىسىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بولىدىغالىقىنى تەكىتلىدى.

19- سېنتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16- قۇرۇلتىيى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە جاڭزېمىن ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. چەت`ئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى بۇنى جاڭزېمىن دەۋرىگە خاتىمە بېرىلىپ، خۇجىنتاۋ-ۋېنجاباۋ گۇرۇھىنىڭ دەۋرى باشلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىكەن.

ۋېنجاباۋ بىشكەك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، موسكۋاغا يەتىپ كەلگەن. ئۇ، رۇسىيە دائىرلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بولۇپمۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى نېفىت سودىسى، نېفىت ئاققۇزۇسۇھ تۇرۇبا قۇرۇلۇشى لايىھىسى مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. كۈزەتكۈچىلەر خىتاي باش مىنىستىرىنى رۇسىيىگە نېفىت ئۈچۈن كەلدى دەپ يېزىشماقتا. بۇ قېتىم يەنە تېرروزىرىمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش تېمىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ، بېيجىڭ بىلەن موسكۋا بۇ جەھەتتە بىر-بىرىنى تامامەن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

چېچەن رەھبەرلىرىدىن بىرى ئارسلان مەشەدوۋ شامىل باسايېۋنى بېسلان ۋەقەسى بىلەن ئەيىپلەپ، ئۇنى سوتلايدىغانلىقىنى ئەمما بۇ سوتنىڭ پەقەت ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.